كىتابلارھەدىس-كىتابلار

سەھىھۇل بۇخارى

ئىمام بۇخارىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ئىمام بۇخارى ھەممىگە مەشھۇر بولغان «سەھىھۇل بۇخارى» دېگەن كىتابنىڭ يازغۇچىسىدۇر. ئۇ ھىجرىيە 194-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 13-كۈنى بامدات نامىزىغا ئاز قالغاندا ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە تۇغۇلغان. بۇ تەخمىنەن، مىلادىيەنىڭ 810-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.
ئىمام بۇخارىنىڭ ئەسلى ئىسمى: مۇھەممەد ئىبنى ئىسمايىل ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى مۇغىيرەتىل بۇخارى، كۈنىيىتى – ئەبۇ ئابدۇللاھتۇر. (ئەمما ئۇ كىشى بالىلىق بولغان ئەمەس) .
بۇخارا شەھىرىدە تۇغۇلغان چوڭ دادىسى مۇغىيرە مۇسۇلمان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرى مۇسۇلمان ئەمەس ئىدى. دادىسى ئىسمايىل ناھايىتى داڭلىق دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۆز دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئىمام بۇخارىنىڭ دادىسى ئىسمايىل، ئىمام مالىكتىن ۋە ئۇنىڭ ئۇستازى ھەممادتىن ھەدىس ئۆگەنگەن ھەدىسشۇناس ئالىم ئىدى.
ئىمام بۇخارى ئىيمانلىق ۋە دىندار ئائىلىدىن چىققان بولغاچقا، ئەقىدە جەھەتتە ناھايىتى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەن.
ئۇ كىچىكىدىنلا ئىلىم ئۆگىنىشكە ناھايىتى ھېرىسمەن بولۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېسل خىسلەتلىرىنى ئۈلگە ئېلىپ، ھەدىسشۇناسلىقتا دادىسنىڭ ئىزباسارى بولغان.
ئاتا-ئانا ئىسلاھ بولسا، ئاتا-ئانىسى سەۋەپلىك بالىلىرىمۇ ئىسلاھ بولىدۇ.
خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام بىر شەھەرگە بېرىپ: «بىزنى مېھمان قىلىڭلار» دېسە شەھەر ئاھالىسى ئۇنىمىغان، ئاندىن خىزىر ئەلەيھىسسالام يىقىلىپ چۈشەي دېگەن تامنى رۇسلاپ قويغان. مۇسا ئەلەيھىسسالام خىزىر ئەلەيھىسسالامغا: «بۇ شەھەر ئەھلى تائام بەرگىلىمۇ ئۇنىمىسا، سەن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلدىڭ» دېگەندە، «سەن ئۇنىڭ ھېكمىتىنى بىلمەيسەن، ئاشۇ تامنىڭ ئاستىدا ئىككى يېتىم بالىنىڭ ئاتا-ئانىسدىن قالغان خەزىنىسى بار. ئەگەر تام ئۆرۈلۈپ چۈشسە، باشقىلار ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا مەن شۇ بالىلارنىڭ خەزىنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تامنى رۇسلاپ قويدۇم. چۈنكى ئۇنىڭ يەتتىنچى ئاتا-ئانىسى سالىھ كىشىلەردىن ئىدى» دەپ ئاتا-ئانىسى تۈپەيلى بالىسىنى زايا قىلمىغاندەك ، ئىمام بۇخارىنىڭ دادىسىمۇ كاتتا ئالىم، ھەدىسشۇناس بولغاچقا، ئاللاھ تائالا ئىمام بۇخارىنىمۇ زايە قىلىۋەتمىگەن.
ئىمام بۇخارى دادىسىدىن ئىخلاسمەنلىكنى، تەقۋادارلىقنى مىراس ئالغان. ئىمام بۇخارىنىڭ دادىسى ۋاپات بولۇش ئالدىدا: «بىر دەرھەم پۇلنىمۇ ھارامدىن تېپىپ باقمىدىم، ھەتتا <بۇنى قىلسام قانداق بولار؟ > دەپ شۈبھىلىنىپ قالغان تىجارەتنىمۇ قىلىپ باقمىدىم» دېگەن ئىكەن.
دېمەك، ئۇ كىشى ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقىدىن بالىلىرىغا ھارام يېگۈزۈشتىن ناھايىتى ساقلانغان، ھەتتا شۈبھىلىك يېمەكلىكلەرگىمۇ يېقىن كەپ باقمىغان.
ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇنۋانى:
ئۇ ئۆز دەۋرىدە ھەدىس ئىلمىدە «مۇئمىنلەرنىڭ باشلىقى [أمير المؤمنين]»، «فىقھشۇناسلارنىڭ تاجى [تاج الفقهاء]»، «ھاپىزلارنىڭ سەردارى [سيد الحافظ]» ئىدى.
چۈنكى ئىمام بۇخارىنىڭ يادلاش ئىقتىدارى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، يادلاش قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى دۈشمەنلىرىمۇ ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايتتى.
«تاج الفقهاء» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىمام بۇخارى ھەدىسلا يازماستىن، ھەدىستىن فىقھىي ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتىمۇ كامالەتكە يەتكەن ئىدى.
ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھەدىس بابىدا يۈز مىڭ سەھىھ ھەدىس يازدىم. 200 مىڭ ھەسەن ۋە زەئىپ ھەدىسلەرنى يازدىم. مەن بىر ھەدىسنى يادلىساملا ئىسنادلىرىدىن (رىۋايەت قىلغان كىشىلىرىدىن) تارتىپ، (رەسۇلۇللاھتىن كىم ئاڭلىغان، ئۇنىڭدىن كىم ئاڭلىغان، ئۇنىڭدىن كىم ئاڭلىغان دېگەنلەرنى) ھەتتا ماڭا يەتكۈچە بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرى بىلەن قوشۇپ يادلايتتىم. ھەدىس يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا، پالانى يەردە بىر كىشى ھەدىس بىلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارغىنىمدا، ئۇ ئادەمنىڭ يەم يوق قۇرۇق خالتا بىلەن ئېتىنى ئۆزىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالداۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇنداق ئادەمنىڭ ھەدىسىنى يازماي دەپ ئۇنى يازماي كەينىمگە قايتقان ئىدىم.»
ئىمام بۇخارىنى، خۇددى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنى ئانىسى تەربىيلىگەندەك، ئانىسى تەربىيلەپ چىققان.
ئىمام بۇخارىنىڭ دادىسى كاتتا ئالىم بولغىنى بىلەن، ئائىلىسىگە باشقىلارغا موھتاج بولمىغۇدەك ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىغۇدەك دەرىجىدە مىراس قالدۇرغان.
ئىمام بۇخارىنىڭ كىچىكىدىنلا كۆزى كۆرمەس ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىنىڭ كۆرمەسلىكى ئانىسىنى ناھايىتى ئېغىر غەمگە تاشلىغان بولۇپ، ئانىسى ھەر كۈنى كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئاللاھقا دۇئا قىلاتتى.

https://t.me/islamqakarlir

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button