ساھابىلار


خاتىمە
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئالدىڭىزدا تۇرغان بۇ كىتاب-ئىسلام باغچىسىدا قىلىنغان بىر ساياھەتتۇر، بۇ ساياھىتىمىزدە بىز ئۇنىڭ خۇش-پۇراق چېچىپ تۇرغان بىپايان باغلىرىدا ئايلىنىمىز. قۇرئان داستىخىنىدا ئوزۇقلانغان، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىمامى ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشىسى بولغان مۇھەممەد ﷺ نىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولغان كىشىلەر بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن، ئەڭ چىرايلىق گۈللىرى، ئەڭ خۇش-پۇراق ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ئەڭ تاتلىق سۇلىرى بولغان بۇ بۈك-باراقسان باغدا سەيلە قىلىمىز.
بۇ بولسا؛دەۋەت، جىھاد، ئىلىم، چۈشىنىش، سەۋرچانلىق، زاھىدلىق، كەمتەرلىك، پەرھىزكارلىق قاتارلىق جەھەتلەردە دۇنيا تارىخىدا ھەرگىز ئوخشىشى تېپىلمايدىغان ئۈلگىلىك، ئالىي كىشىلەرنىڭ غايىلىرىنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن قىلىنغان تىرىشچانلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام تارىخىنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ھاياتى، توغرا يولدىكى خەلىپىلەر، ساھابىلەر، تابىئىنلار، ئالىملار، مۇجاھىدلار ۋە سەلەف-سالىھلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش، توغرا ئۇسۇلدا يەتكۈزۈلسە، ئۇنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ئەسلىدە قوي باقىدىغان پادىچى بولۇپ، ئىسلام ئۇلارنى پۈتكۈل ئۈممەتكە يول باشچى ۋە قوماندانلارغا ئايلاندۇرغان كىشىلەرنىڭ قەھرىمانلىقلىرى ئاشكارا قىلىنسا ئىسلام ياشلىرىدا ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈش روھى يېتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كاتتا ئىشلارغا بەل باغلىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە ھەقتىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەن، جاراھەتلەنگەن بۇ ئۈممەتنى قوزغىتىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن قېرىندىشىم: توغرا يولدىكى خەلىفىلەرنىڭ، ساھابىلەرنىڭ، تابىئىنلارنىڭ ۋە ئەمەل قىلغۇچى ئالىملارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىش ناھايىتى مۇھىم ئىشتۇر، بۇلۇپمۇ رىۋايەتلەر ۋە خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا ھەدىسشۇناسلارنىڭ يولىغا تايانغاندا تېخىمۇ شۇنداق.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم: ئەگەر سىز تارىخ ۋە تەرجىمھال كىتابلىرىنى سەزگۈرلۈك ۋە سالماقلىق بىلەن ئوقۇيدىغان بولسىڭىز، ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى تارىخشۇناسلاردىن نۇرغۇنلىرىنىڭ زور دەرىجىدە بۇرمىلاش ۋە خاتالىقلارغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىسىز.
ئىلگىرىكى تارىخشۇناسلار ئەسەر ۋە خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچلىك، ئىشەنچىسىز ھەممىنى يىغىپ كىتابلىرىغا يازدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە توغرىدىن بۇرۇلۇپ كەتكەن، نەفسى-خاھىشىدىن سۆزلەيدىغانلارمۇ بار، ئىشەنچلىك، ئادىللارمۇ بار، لېكىن ئۇلار بۇ جەرياندا خۇددى يەھيا ئىبنى مەئىن ئېيتقاندەك: «يازساڭ توپلىغىن، سۆزلىسەڭ تەكشۈرگىن» دېگەن بويىچە ئىش قىلدى. ھازىرقى تارىخشۇناسلار بولسا: «ھېچقىسى يوق، سۆزلەۋەر» دەيدۇ، سىز شەرئى ئۆلچەملەرگە تايانغان ھالدا ئىلمىي تەكشۈرۈش بىلەن ئىش قىلىدىغانلارنى ناھايىتى ئاز ئۇچرىتىسىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام تارىخى كۆپلىگەن بۇزغۇنچىلىق، يوشۇرۇش ۋە ئۇنتۇشلارغا ئۇچرىغان ۋە پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ھەدىسى ئۈچۈن ئاخىرىنى كىتاب ۋە قەلەملەر تېپىپ بۇلالمايدىغان ئىلىملەر يېزىلغاندەك، ئىسلام تارىخىنى قوغدايدىغان كىشىنى تاپالمىغان. تارىخ ئۆزىنى تولۇق قوغدىغۇدەك ئىلىم ۋە ياخشىسىنى يامىنىدىن، ئەسلىنى ئارلاشمىسىدىن، سەھىھنى زەئىپتىن ئايرىيدىغان تىرىشچانلىقتىن تىگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالالمىدى. ئاسماننى بەرپا قىلغان زات (ئاللاھ) بىلەن قەسەمكى! بىز بۇ زامانلاردا سەلەف-سالىھلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئوقۇشقا ئىنتايىن موھتاجمىز، شۇڭا بىز ئاتا بولغان ۋە ئوقۇتقۇچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى بالىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىغا ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە ئەمەل قىلغۇچى ئالىملاردىن ئىبارەت سەلەف-سالىھلىرىمىزنىڭ تارىخىنى ئۆگىتىشكە قىزىقتۇرىمىز. شەكسىزكى بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تارىخىنى ئاشكارلاش ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىش ئامانىتىنى ئادا قىلىش ۋە ئۇلارغا بۇ جەرياندا يەتكەن ئازار-كۈلپەت ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە بەرداشلىق بېرىش قاتارلىقلارغا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئۇلارنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە پەزىلىتىنى تونىشىمىزدا پەرزەنىتلىرىمىزگە ئۇلارغا ئەگىشىشنى ۋە ئۇلارغا مەنسۇپ بولغانلىقى بىلەن پەخىرلىنىشنى ياخشى كۆرسىتىشىمىزدە چوڭ تەسىرى بار.
ئۈممەتنىڭ ھازىرقى دەۋرى ئۆتمۈشتىكى دەۋەت، ئىلىمنى ۋە تەۋھىدنى تارقىتىش ئىنسانلارنى نىجاتلىققا يېتەكلەيدىغان، توغرا يىتەكچىلىك بىلەن نۇرلانغان شانلىق تارىخقا باغلىنىشى ئۈچۈن بىز ئەنە شۇلارنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.كېلىڭلار! راستچىل، ياخشىلارنىڭ مەيدانىدا ياشىشىمىز ئۈچۈن ۋە راستچىللىق پۇرىقىنى سۈمۈرىشىمىز ئۈچۈن مېۋىلىرى پىشقان بۇ باغقا كېلىڭلار، ئۈمىدكى ئاللاھ بىزنى ئۇلار بىلەن ئۆز جەننىتىدە ۋە رەھمەت ئورنىدا بىرگە قىلغاي، ئاللاھ شۇنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە شۇنىڭغا قادىردۇر.
تەۋەررۇك تور بېكىتى
				
