كىتابلارھەدىس-كىتابلار

سەھىھ مۇسلىم

https://t.me/islamqakarlirimuslim


كىرىش سۆز

جىمى ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ھەممىسىگە رەھمەت قىلسۇن. (ئامىن)
مەقسەتكە كەلسەك: سېنى ياراتقان ئاللاھ توغرىغا مۇيەسسەر قىلىشى بىلەن رەھمەت قىلسۇن. سەن دىننىڭ قانۇن ۋە ھۆكۈملىرى، ساۋاب ۋە ئازاب، قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇش ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك ئىشلار توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان خەۋەرلەرنى، نەقىل قىلغان ئىسناد (رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ تۇتۇشۇش يولى) ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى بىر-بىرىگە يەتكۈزگەن يوللىرى بىلەن بىللە تونۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىڭنى ئېيتتىڭ.
ئاللاھ سېنى توغرا يولغا باشلىسۇن. سەن بۇ خەۋەرلەر ئىخچام بولۇش بىلەن بىرگە توپلام ھالىتىدە بۇلاردىن خەۋەردار بولۇشنى ئىرادە قىلدىڭ ۋە مەندىن بۇ كىتابنى تۈزۈشتە تەكرارنى كۆپ كەلتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدىڭ. سىنىڭ ئېيتىشىڭچە تەكرارنىڭ كۆپ بولۇشى سېنى مەقسىتىڭگە يېتىشتىن، بۇ خەۋەرلەرنى (يەنى ھەدىسلەرنى) چۈشىنىشتىن ۋە بۇلاردىن يەكۈن چىقىرىشتىن توسۇپ قويىدىكەن. ئاللاھ سېنى شەرەپلەندۈرسۇن.
مەن بۇ ھەقتە ئويلانغان ۋە ئاللاھ خالىسا، بۇنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندە، سەن تەلەپ قىلغان ئىشنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم. سەن مەندىن بۇ قىيىن ئىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئەگەر ماڭا (ئاللاھ تەرەپتىن) بۇ ئىشقا بەل باغلاش ۋە بۇنى تولۇق ئورۇنلاش مۇيەسسەر قىلىنسا، بۇنىڭ پايدىسى باشقا كىشىلەرگە يىتىشتىن بۇرۇن ئۆزۈمگە يىتىدىغانلىقىنى ئويلۇدۇم. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، ھەممىنى بايان قىلساق، گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ.
بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئىخچام بولىشىغا كەلسەك: بۇلارنىڭ ئاز قىسمىنى توغرىلاش ۋە مۇكەممەل قىلىش بۇنىڭ كۆپ قىسمى بىلەن ئاۋارە بولۇشتىن ئاسان. بولۇپمۇ باشقىلار ئايرىپ بەرمىسە ئۆزى ئايرىيالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.
ئەھۋال بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك بولغان ئىكەن. ئاز بولسىمۇ سەھىھنى مەقسەت قىلىش كېسەلنى (يەنى ئاجىز ھەدىسلەرنى) كۆپەيتكەندىن ياخشى.
ھەدىسلەرنى كۆپ كەلتۈرۈش ۋە تەكرارلانغانلىرىنى توپلاشتىن بەزى مەنپەئەتلەر ئۈمىد قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مەنپەئەتتىن پەقەت قىسمەن زېرەكلىك ۋە چۈشىنىشكە ئىگە بولغان ئايرىم كىشىلەرلا پايدىلىنالايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ھەدىسنى كۆپ توپلاش پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئەمما ئاددى كىشىلەر بولسا، زېرەك ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئايرىم كىشىلەرنىڭ ئەكىسچە، ئازنى بىلىشتىن ئاجىز كەلگەن يەردە كۆپنى بىلىش ئۇلارغا نىسبەتەن مەنىسىز ھېسابلىنىدۇ.
ئەمدى بىز، ئاللاھ خالىسا، سەن سورىغاننى بايان قىلىش ۋە بەزى شەرتلەر ئاساسىدا كىتاب يېزىشنى باشلايمىز.
بۇ شەرتلەر تۆۋەندىكىچە: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن خەۋەرلەر (يەنى ھەدىسلەر) نىڭ ئىسنادى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىچە بولغان رىۋايەت قىلغۇچىلار زەنجىرى) نى ئۈچ تۈرگە ۋە ئۈچ خىل دەرىجىدىكى كىشىگە بۆلدۇق.
ھەدىسنى تەكرارلىمىسا بولمايدىغان، تەكرار رىۋايەتتە زىيادە مەنە بولغان ياكى ئىسنادقا ئىسناد قوشۇلىدىغان ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەدىسلەر تەكرارلانمىدى.
بۇ تەكرارلاش مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن بولدى. چۈنكى ھەدىستىكى زۆرۈر بولغان زىيادە مەنە تولۇق بىر ھەدىسنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.
شۇڭا بىز يۇقىرىدا ئېيتقاندەك زىيادە مەنە بولغان ھەدىسنى تەكرارلاش، ئەگەر مۇمكىن بولسا شۇ مەنىنى قىسقا ھالدا پۈتۈن ھەدىستىن ئايرىپ چىقىرىش ناھايىتى زۆرۈر. لېكىن پۈتۈن ھەدىستىن بۇ مەنىنى ئايرىپ چىقىش بەزىدە قىيىنغا چۈشىدۇ. شۇڭا ئورنى كەلگەندە ئۇنى ئۆز پېتى تەكرارلاش تېخىمۇ توغرىدۇر.
ئەمما بىز ئاللاھ تائالا خالىسا، زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ھەدىسنى پۈتۈن ھالىتىدە تەكرار كەلتۈرمەيمىز.
 (يۇقىرىقى ئۈچ تۈر تۆۋەندىكىچە): بىرىنچى تۈر: بىز ئەيىپلەردىن سالامەت بولغان، رىۋايەت قىلغۇچىلىرى ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا چىڭ تۇرغان، رىۋايەت قىلغان ھەدىسلىرىنى پۇختا يادلىغان. قىلغان رىۋايەتلىرىدە كۆپىنچە ھەدىسشۇناسلار خەۋەر تاپقۇدەك ۋە ھەدىسلىرىدە ئېنىق كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە ئېغىر ئىختىلاپ ۋە ئارلىشىش يۈز بەرمىگەن كىشىلەر تەرەپتىن رىۋايەت قىلىنغان خەۋەرلەر (يەنى ھەدىسلەر) نى باشقا ھەدىسلەردىن ئىلگىرى كەلتۈردۇق.
بۇ تۈردىكى كىشىلەردىن كەلگەن خەۋەرلەر (يەنى ھەدىسلەر) نى تولۇق كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىسنادىدا يۇقىرىقى تۈردىكى كىشىلەردەك پۇختا يادلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان بەزى كىشىلەر بار بولغان خەۋەرلەرنى كەلتۈردۇق.


گەرچە بۇ تۈردىكىلەر يۇقىرىقى تۈردىكى كىشىلەردەك بولمىسىمۇ، (يالغانچىلىقتىن) خالى بولۇش، راستچىللىق، ئىلىم ئۆگىنىش قاتارلىق سۈپەتلەر بۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەتاء ئىبنى سائىب، يەزىد ئىبنى ئەبۇ زىياد، لەيىس ئىبنى ئەبۇ سۇلەيىم[1] ۋە شۇلارغا ئوخشاش ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچىلار مۇشۇ تۈردىكى كىشىلەردىندۇر.
گەرچە ئۇلار ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە ئىلىم ۋە گۇناھتىن ساقلىنىش بىلەن تونۇلغان كىشىلەر بولسىمۇ، ئوخشاش ساھەدىكى باشقا كىشىلەر پۇختا يادلاش ۋە توغرا رىۋايەت قىلىشتا ئۇلاردىن يۇقىرى دەرىجىدە تۇرىدۇ.
چۈنكى بۇ (يەنى ھەدىس رىۋايەت قىلىش) ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە يۇقىرى دەرىجە ھېسابلىنىدۇ.
قارايدىغان بولساڭ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئەتاء، يەزىد ۋە لەيىستىن ئىبارەت ئۈچ كىشىنى مەنسۇر ئىبنى مۇئتەمىر، سۇلايمان ئەل ئەئمەش ۋە ئىسمائىل ئىبنى ئەبۇ خالىد[2] بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرگىنىڭدە، ئۇلارنىڭ ھەدىسنى پۇختا يادلاش ۋە بۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشتا بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئوخشاش دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى بايقايسەن.
ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە مەنسۇر، ئەئمەش ۋە ئىسمائىلنىڭ ھەدىس يادلاش ۋە پۇختا ئىگەللەشتىكى سەھىھلىك دەرىجىسى تولۇق بولغاچقا، ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا شەك قىلمىغان. لېكىن ئۇلار ئەتاء، يەزىد ۋە لەيستە بۇ ھالەتنى بايقىمىغان.
يۇقۇردىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، ئىبنى ئەۋن ۋە ئەييۇب سەختىيانىنى[3] ئەۋف ئىبنى ئەبۇ جەمىلە ۋە ئەشئەس ئەل ھۇمرانى[4] بىلەن سېلىشتۇرساڭ، يەنىلا ئوخشاش ئەھۋالنى ئۇچرىتىسەن. ئەمەلىيەتتە ئىبنى ئەۋن بىلەن ئەييۇب ھەسەن ۋە ئىبنى سىيرىننىڭ ھەمراھلىرى بولغاندەك، ئەۋف ۋە ئەشئەسمۇ شۇلارنىڭ ھەمراھلىرىدۇر. لېكىن ئالدىنقى ئىككى كىشى بىلەن كېيىنكى ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا پەزىلەتتىكى مۇكەممەللىك ۋە ئۇلاردىن ھەدىس كەلتۈرۈشتە چوڭ پەرىق بار. گەرچە ئەۋف ۋە ئەشئەس ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە راستچىللىق ۋە ئىشەنچىلىكلىك دېگەن سۈپەتتىن خالى بولمىسىمۇ، ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە ئۇلار بىز يۇقىرىدا ئېيتقان مەرتىۋىدىكى كىشىلەردۇر.
بۇلارنىڭ ئىسمىنى كەلتۈرىشىمىزدىكى مەقسەت شۇكى، بۇ ئارقىلىق ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇ ساھەدىكى كىشىلەرنى دەرىجىگە تىزىش ئۇسۇلىنى بىلمىگەن كىشىدە بۇ ھەقتە چۈشەنچە پەيدا بولىدۇ-دە، دەرىجىسى يۇقىرى كىشى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ قويۇلمايدۇ.
ئىلىمدا دەرىجىسى تۆۋەن كىشى يۇقىرى ئورۇنغا چىقىرىپ قويۇلمايدۇ. ھەربىر كىشىگە ئۆز ھەققى بىرىلىدۇ ۋە ھەر بىر كىشى ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇلىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى كىشىلەرنى ئۆز ئورنىغا چۈشۈرۈشكە (يەنى يۇقىرى دەرىجىدىكى كىشىلەر بىلەن تۆۋەن دەرىجىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەر بىرىگە ئۆزىگە لايىق مۇئامىلە قىلىشقا) بۇيرىدى.[5]
قۇرئان ئاللاھ جەللە زىكرۇھ (نامى بۈيۈك ئاللاھ) نىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى سۆزلىدى: ﴿ھەر بىر بىلىمدار ئۈستىدە ئۇنىڭدىنمۇ بىلىمدار زات بار.﴾[6] بىز سەن سورىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كەلگەن خەۋەرلەر (يەنى ھەدىسلەر) نى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئۇسۇل بويىچە كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىمىز.
ئەمما ئابدۇللاھ ئىبنى مىسۋەر، ئەبۇ جەئفەر ئەل مەدائىنى، ئەمىر ئىبنى خالىد، ئابدۇللاھ قۇددۇس ئەش شامى، مۇھەممەد ئىبنى سەئىد ئەل مەسلۇب، غىياس ئىبنى ئىبراھىم ۋە سۇلايمان ئىبنى ئەمىر ئەبۇ داۋۇد ئەن نەخەئى ۋە شۇلارغا ئوخشاش، ھەدىسشۇناسلارنىڭ ياكى كۆپىنچە ھەدىسشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە ھەدىس توقۇپ چىقىش ۋە خەۋەر ئويدۇرۇپ چىقىش بىلەن تۆھمەت قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ھەدىسلىرىنى كەلتۈرۈپ ئاۋارە بولمىدۇق.
شۇنىڭدەك كۆپىنچە سۆزلىگەن ھەدىسى، مۇنكەر ياكى خاتا بولغان كىشىلەرنىڭ ھەدىسىنى كەلتۈرۈشتىنمۇ ساقلاندۇق.
ھەدىس سۆزلىگۈچىنىڭ ھەدىسىدىكى مۇنكەرلىك ئالامىتى شۇكى، ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىس (ئىلىم ئەھلىنىڭ نەزىرىدە) يادلاش جەھەتتە ئىتراپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ رىۋايىتىگە سېلىشتۇرۇلسا، ئۇنىڭ رىۋايىتى ئۇلارنىڭ رىۋايىتىگە قارمۇ-قارشى كېلىدۇ، ياكى ئاساسەن قارمۇ-قارشى كېلىدۇ.
ئەگەر ئۇنىڭ ھەدىسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ھەدىسى تەرىك ئىتىلىپ، قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە ئەمەل قىلىنمايدۇ.
بۇ تۈردىكى ھەدىس سۆزلىگۈچىلەردىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەررەر، يەھيا ئىبنى ئەبۇ ئۇنەيسە، جەرراھ ئىبنى مىنھال، ئەبۇل ئەتۇف، ئەبباد ئىبنى كەسىر، ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇمەيرە، ئۆمەر ئىبنى سۇھبان قاتارلىقلار بار بولۇپ، بىز ئۇلارغا ئوخشاش مۇنكەر ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەدىسىگە قاراش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيمىز.


چۈنكى ئىلىم ئەھلىنىڭ چىقارغان ھۆكمى ۋە بىزنىڭ بىلىشىمىزچە تۇتقان يولى شۇكى، يالغۇز بىر كىشى سۆزلىگەن ھەدىسنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئۇ كىشى ئىشەنچلىك ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە يادلىغۇچىلار تەرەپتىن قىلىنغان بەزى رىۋايەتلەرگە شېرىك بولغان بولۇش ۋە ئۇلارغا مۇۋاپىقلىشىش بىلەن بىللە بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئىزدەنگەن بولۇش كېرەك.
ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت بولسا، ئاندىن ئۇ باشقىلاردا بولمىغان زىيادە قىسمىنى رىۋايەت قىلسا، ئۇنىڭ زىيادە قىسمى قوبۇل قىلىنىدۇ.
ئەمما زۆھرىنىڭ شەرەپلىك بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ پۇختا يادلىغۇچى ھەمراھلىرىنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلىدىغان كىشىگە كەلسەك: زۆھرى ۋە ھىشامنىڭ ھەدىسى ئىلىم ئەھلى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ۋە ئورتاق رىۋايەت قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ئۇلارنىڭ ھەدىسىنىڭ كۆپىنچىسىنى بىرلىككە كەلگەن ھالدا رىۋايەت قىلىدۇ.
ئۇ ئىككىسىدىن ياكى ئىككىنىڭ بىرىدىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان كىشىگە كەلسەك: ئۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرىدىن ھېچكىم تونۇمىسا، بۇ كىشى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە سەھىھ بولغان ھەدىسنى رىۋايەت قىلىشقا شېرىك بولمىغان بولسا، بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ھەدىسى ناتوغرا بولۇپ، قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
بىز يۇقىرىدا ھەدىس ئەھلىنىڭ يولىنى ئىرادە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇيەسسەر قىلىنغان كىشىلەر يۈزلىنىشكە تېگىشلىك بولغان، ھەدىس ۋە ھەدىس ئەھلىنىڭ يولىنىڭ بىر قىسمىنى شەرھىلەپ ئۆتتۇق.
 ئاللاھ تائالا خالىسا، بىز شەرھىلەش ۋە ئىزاھلاشقا تېگىشلىك جايلارغا كەلگەندە،
بۇ كىتابتىكى ئەيىپلىك خەۋەرلەرنى بايان قىلغان ئورۇنلاردا تېخىمۇ كۆپ شەرھىيلەيمىز ۋە ئىزاھلايمىز.
مەقسەتكە كەلسەك: ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن. ئەگەر بىز ھەدىسشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان كۆپ كىشىلەرنىڭ ئاجىز (زەئىپ) ھەدىسلەرنى ۋە مۇنكەر رىۋايەتلەرنى تاشلاش، راستچىللىق ۋە ئىشەنچىلىكلىك بىلەن تونۇلغان كىشىلەر تەرىپىدىن نەقىل قىلىنغان سەھىھ، مەشھۇر ھەدىسلەر بىلەنلا قانائەتلەنمەسلىك، رىۋايەت قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن: (ھەدىس ئىماملىرى بولغان مالىك ئىبنى ئەنەس، شۇئىبە ئىبنى ھەججاج، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، يەھيا ئىبنى سەئىد ئەل قەتتان، ئابدۇراھمان ئىبنى مەھدى ۋە ئۇلاردىن باشقىلار، ئۇلاردىن ھەدىس رىۋايەت قىلىشنى ئەيىپلىگەن دۆت كىشىلەرنىڭ ۋە ئىلىم ئەھلى رازى بولمىغان كىشىلەرنىڭ سۆزلىگەن ھەدىسلىرى مۇنكەر ھېسابلىنىدۇ) دېگەنلىكى قاتارلىقلار بولمىغان بولسا، سەن بىزدىن سورىغان، ھەدىسلەرنى ئايرىش ۋە ئىنىقلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىشىمىز ئاسانغا چۈشمىگەن بولاتتى.
لېكىن بىز ساڭا كىشىلەرنىڭ نامەلۇم بولغان ئاجىز ئىسنادلار بىلەن كەلگەن مۇنكەر خەۋەرلەرنى، بۇلارنىڭ ئەيىبىنى بىلمەيدىغان ئاددى كىشىلەر ئارىسىدا تارقاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىمىز ئۈچۈن،سىنىڭ تەلىپىڭگە ئاۋاز قوشۇش بىزنىڭ قەلبىمىزگە يەڭگىل بىلىندى.

[1] بۇ ئۈچ كىشى كۇفەلىك تابىئىن ھەدىسشۇناسلاردۇر.
[2] بۇ ئۈچ كىشى كۇفەلىك سەھىھ ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى تابىئىنلاردۇر.
[3] بۇ ئىككى كىشى ھەسەن ئەل بەسرى ۋە مۇھەممەد ئىبنى سىيرىن بىلەن ئىلىم ئۆگەنگەن ئىشەنچلىك رىۋايەتچىلەردۇر.
[4] بۇلار ئالدىنقى ئىككى كىشىدىن تۆۋەن دەرىجىدىكى رىۋايەتچىلەردۇر.
[5] ئەبۇ يەئىلا، ئەبۇ نەئىم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس
[6] سۈرە يۈسۈف 76-ئايەت

https://t.me/islamqakarlirimuslim

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button